Uyghur Oqughuchilar Munbiri
Uyghur Oqughuchilar Munbiri

yawrupada oquwatqan, we yawrupagha kilip oqushqa qiziqidighan uyghurlar üchün pikir almashturush supisi
 
HomeHome  Uyghur Latin YiziqiUyghur Latin Yiziqi  CalendarCalendar  GalleryGallery  IzdeshIzdesh  XetküchlerXetküchler  FAQ (Soal-Jawablar)FAQ (Soal-Jawablar)  TizimlitishTizimlitish  mushtir bolungmushtir bolung  Kirish  
Latest topics
» Yengi Eza(lar)din Munber Ehlige Salam
by alibay 19.07.12 11:59

» 2012-yilliq wetendin kelgen oqush mukapat puligha iltimas qilish waqti toshup qaldi
by oghuzkb 02.05.12 3:25

» nijat hoshur akimizning körgezmisi yerlik xewerlerde
by oghuzkb 19.03.12 17:40

» Pseudomonas xinjiangensis sp – wetendin tepilghan bakterye
by Esra 28.12.11 13:37

» تۈركىيەدە ئوقۇش
by oghuzkb 26.12.11 2:47

» Germaniyege oqushqa kelgen zhongguoluq oqughuchilarning ozini tizimgha aldurush jedwili
by oghuzkb 19.11.11 14:36

» uyghur dokturlar heqqide
by Mung_kuy 10.09.11 11:19

» Xosh Xewer: Xinjiang tewelikidiki her millet oqughuchilirigha 2011. yildin bashlap oqush mukapat puli birildu.
by oghuzkb 05.09.11 4:26

» uyghur akadimyesige i'ane
by oghuzkb 30.08.11 13:57

ulinishlar
meripet

UA

Biliwal

UKIJ

Yulghun

TipTop

TipTop

meripet

Share Tewsiye
Diqqet

Bu peqet bir ilmi pikir almashturush supisi. eger bu yerdiki yazmilarda bashqilarning eser hoqoqigha, kishilik hoquqigha, jungxua xeliq jumhuryiti we yazghuchi özi yashawatqan dölettiki qanun-siyasetlerge xilapliq qilinidighan ehwal körülse, munbirimiz jawabkarliqni üstige almaydu, yazma yazghuchi özi ige boloshi kirek!


Share | 
 

 تارىخىمىز ھەققىدە چۈشەنچىلىرىم

Go down 
AptorMeséj
oghuzkb
10.oghuz
avatar

Yézilmilar Sani : 400
töhpe : 846
tizimlatqan waqti : 2009-05-31
yishi : 38
Orni : Ulm, Germany

YollashMawzu: تارىخىمىز ھەققىدە چۈشەنچىلىرىم   08.10.10 12:12

pdf nusxisi:

http://www.uni-ulm.de/~bkuerban/yazmilar/tarix.pdf

تۆۋەندە يىزىلغانلىرى پەقەت شەخسەن چۇشەنچىلىرىمگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ، خاتالىقلارنىڭ بولۇشى تەبئى، تورداشلارنىڭ تەنقىدى-پىكىرلىرنى ئايىماسلىقىنى سورايمەن

ئىلاۋە:ساۋادىم چىقىشى بىلەن تارىخقا قىزىقىپتىمەن، بۇنىڭغا ئائىلە تەسىرى ئاساسى رول بولغان ئىدى. مىھمانخانا ئۆيىمىزدە بىر كارۋات بولىدىغان، قىلىن يىغىلغان يوتقانلارنىڭ ئاستىغا ئاپام 'مەجبۇرى' يىزىلغان شىنجاڭ مائارىپ ژۇرناللىرى بار ئىكەنتۇق. ئىھتېمال 2-يىللىقتىكى (~1989) چاغلىرىم بولسا كېرەك،  ئاشۇ كۆمۈلگەن ژۇرناللار شۇنداق قىزىقىشىمنى قوزغاپ قويدى. گەرچە پەقەت بىر مائارىپ ژۇرنىلى بولسىمۇ ئەينى ۋاقىتتا تارىخ توغۇرلۇق ماقالىلەر شۇنداق كۆپ يىزىلاتتى. ئۇيغۇر يىزىقلىرى ھەققىدىكى بىر ماقالىدىن ئورخۇن، قەدىمقى ئۇيغۇر ۋە چاغاتاي يىزىقلىرىنى ئۈگىنىۋالغان ئىدىم. ھونلار ئاتلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئات تۇياقلىرى مەن بىلمەيدىغان يەرلەرگىچە بارغانلىقىنى،  بىر شائىرنىڭ تىلەن تاغلىرىدىكى (ھازىرقى چىلىيەنشەن، گەنسۇدا)يايلاق ھاياتى ھەققىدىكى شىئېرلىرىنى ئوقۇغان ئىدىم. ئورخۇن يىزىقى مىنى ئۆزىگە شۇنداق جەلىپ قىلغان ئىدىكى، كىچىكىمدە ئاڭلىغان چۆچەكلەردىكى ئاجايىپ-غارايىباتلار شۇ خەت شەكىللەرگە سىڭىپ كەتكەندەك بىلىنگەن ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپكىچە تارىخ مەركەزلىك قىزىقىشىم بولوپ قالدى، تارىخ قىزىقىشى تەسىرىدە جۇغراپىيەگىمۇ شۇنداق قىزىقىپ قالدىم. ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە خىلى كۆپ كىتابلارنى ئوقۇشقا مۇۋەپپەق بولدۇم، خىتاي تارىخچىلىرىدىن تارتىپ ئۆزىمىزنىڭ تارىخچىلىرىغىچە، بارتولد دىن مىلۋارىدقىچە ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقان بولدۇم. شۇ ئوقۇغانلىرىم بويىچە Allempires.com تارىخ مۇنبىرىدە 3 يىلچە  تارىخ ھەققىدە تالاش-تارتىشلارغا قاتناشقان بوپتىمەن، ئەمدىلىكتە ئۆز كەسپىمنىڭ مۇھىملىقى ئارتقانسىرى بۇ ھەقتە يەنە كاپشىپ يۈرۈشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم ھەم بۇ يەردە ئۆز چۈشەنچىلىرىمدىن بىر خۇلاسە چىقارغان ھىسابتا چىكىت ئۇرۇشنى لايىق تاپتىم.




دۇنيادىكى مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇردەك قىنى مۇرەككەپ مىللەت بولمىسا كىرەك. بۇنى دۇنيا مىللەتلىرى گىن خەرىتىسىدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇ[1]. ئۇ خەرىتىدىن بىز ئۇيغۇرلاردا روشەن نىسبەتتە كاۋكاز قان تىپى بارلىقىنى، شۇنداقلا شەرقى ئاسىيا تىپى ۋە مۇڭغۇللۇئىد تىپىنىمۇ ئاز بولمىغان نىسبەتتە كۆرىمىز. ئەگەر بىز 100% سىرىق ئېرىق ۋەكىللىكىدىكى شەرىقى ئاسىيا تىنىچ ئوكيان قىرغاقلىرىدىن 100% ئاق ئېرىققا ۋەكىل بولغان شىمالى/غەربى ياۋرۇپا ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىغىچە بىر سىزىق (ياي) بويلاپ ماڭىدىغان بولساق، بۇ مۇساپىدە ئېرىق ئۆزىگىرىشىنىڭ ناھايتىمۇ سىلىق گرادېيىنتىنى (تەدرىجىلىكىنى)  كۆرىمىز.  مەركىزى ئاسىيادا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار بۇ ئېرىق گرادېينتىنىڭ دەل ئوتتۇرسىغا جايلاشقان، شۇڭلاشقىمۇ مەلۇم بىر خىل چىراينى ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىل قىلىپ چىقىرىش مۇمكىن بولماي قالغان. بىزدە ئاق ئېرىقمۇ سېرىق ئېرىقمۇ بار، بۇ يەردە ئەڭ باشتا بىز قايسى ئېرىققا مەنسۇپ دىگەن سۇئالغا جاۋاب بىرىشنىڭ ئەھمىيىتى بولمىسا كېرەك. بۇ سۇئالغا ت.ئالماس ئىنىقلا قىلىپ ئاق ئېرىق دەپ جاۋاب بىرىدۇ. ئەگەر بىز ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن كىيىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلۋەتكەن قىتان، مۇڭغۇللارنى كۆزدە تۇتساق بەلكىم راستۇ. ت.ئالماس ھونلارغا بەكىرەك باغلايدۇ ھەم بەزى ھون شاھزادىلىرى دەپ بېكىتىلگەن جەسەتلەرگە ئاساسەن ھونلار ئاق ئېرىق دەيدۇ. لىكىن گىرمانيەدىن تىپىلغان ھون جەسەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن شەكلى [2] ئۇلارنى تىپىك سېرىق ئېرىق قاتارىغا چىقىرىدۇ. يەنە ياۋرۇپا تارىخچىلىرى ھونلارنى بىر ئېتنىك گۇرۇپپا ئەمەس بەلكى سىياسى مۇددىئاسى بىرلەشكەن يايلاق قەبىلىلەر ئىتتىپاقى دەپ چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭا بۇ ھەقتە ئالدىراپ ھۆكۈم چىقىرىش قىيىندەك تۇرىدۇ.  تۇرپاندىكى مىڭ ئۆيلەردە سىزىلغان رەسىملەردە قىزىل چاچلىق كۆك كۆزلۈك ھەم قارا چاچ قارا كۆزلۈك كىشىلەرنىڭ بولۇشى بىزدىكى ئېرىقى مۇرەككەپلىكنىڭ شۇ زامانلاردىمۇ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرغاندەك قىلىدۇ. ئاق ئېرىق بىلەن سېرىق ئېرىقنىڭ جۇغراپىيەلىك چىگرىسىغا جايلاشقان ئۇيغۇرلار بەلكى قەدىمدىن تارتىپلا شۇنداق ئارغۇن ئېرىق تىپىدىندۇر بەلكى. مەيلى قانداقلا دەيلى، ئۇيغۇرلۇقنى ئېرىقى نۇقتىدىن بەلگىلەشنى توغرا تاپمىدىم.





تەبئىكى ئېتنىك تەركىبىمىزمۇ ئوخشاشلا بىر ئارلاشما تىپ! بۇنى ئا.مۇھەممەدئىمىن ----ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېتنىك قاتلىمىغا كىرگەن پۈتۈن مەركىزى ئاسىيا ساك-تۇران قەبىلىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ توخار، سوغدى، ھون قاتارلىق ئەۋلادلىرى شەرتىسىز ھالدا ئۇيغۇر ئېتنىك تۈركۈمى بويىچە مۇھاكىمە قىلىنىشى كېرەك[3]----دەپ يازىدۇ. دىمەككىمۇ مەيلى “ئوغۇزنامە” ئىپوسىنى ئوقۇيلى، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ خەرىتىسى ھەم بايانلىرىنى كۆرەيلى، ياكى خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ يازغانلىرىنى ئاساس قىلايلى، تۈرك-ئۇيغۇر ھەققىدىكى يازمىلارنىڭ كۆپ خىللىقىدىن ئوخشاش بىر خۇلاسىگە كىلىمىز. 





ئۇيغۇرلار تۈركي قەۋىملەردىن “ئۆي ئايرىپ” چىقىشتىن بۇرۇن، بىۋاستە ئەجدادلىرىمىز بولمىش كۆك تۈركلەر مىلادى 500-يىللاردىن باشلاپ شەرىقتە ھىنگان تاغلىرىدىن غەرىبتە كاسپى دىڭىز بويلىرىغىچە، شىمالدا سىبىريەدىن جەنۇبتا سەدىچچىنغىچە بولغان كەڭ زىمىندا 200 يىلدەك ھۆكۈم سۈردى.  مىلادىدىن بۇرۇنقى ~2500-يىلىدىن مىلادى 500-يىللىرى مابەينىدە دەل مۇشۇ زىمىننىڭ ئالتاي تاغلىرىنى پاسىل قىلغان شەرقى يىرىمىدا كۆچمەن ھون قەبلىلىرى (en: Hun) ھۆكۈم سۈرگەن بولسا غەربىدە كۆچمەن ساك قەبلىلىرى (en: Scythian) ھۆكۈم سۈرگەن. ئۆز تارىخچىلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا ئىككىلا قەۋىم بىزنىڭ ئەجدادىمىز. لىكىن بۇلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى ھازىرقى تارىخچىلار تالاش تارتىش قىلۋاتقان مەسىلىلەردىن ھىسابلىنىدۇ. بۇنداق بولۇشى بۇ قەۋىملەر ئۆزلىرى ھەققىدە بىر نەرسە يىزىپ قالدۇرمىغان. بۇلار ھەققىدىكى بايانلار كۆپىنچە يۇنان تارىخچىسى ھېرودوت ۋە خىتاي تارىخچىلىرى قالدۇرغان خاتېرىلەر ئاساس قىلىنغان. بولۇپمۇ ساكلارغا ئائىت خاتېرىلەر ھەممىدىن ئاز. لىكىن ساكلار قالدۇرۇپ كەتكەن ئالتۇندىن ئىشلەنگەن زىننەت بۇيۇملىرى، توقۇلغان بۇيۇملار، مىستىن ئىشلەنگەن جابدۇق ۋە ھەيكەللەر، قىيا تاش رەسىملىرى، تاش بالباللار ئۇلارنىڭ ناھايتىمۇ يۈكسەك بىر مەدەنىيەت ياراتقانلىقى ئىسپاتلايدۇ. شۇڭلاشقىمۇ شەرقى ياۋرۇپادىكى سىلاۋ مىللەتلىرى، كافكازدىكى مىللەتلەر، ئىرانلىقلاردىن تارتىپ ھىندىستاندىكى بەزى مىللەتلەرگىچە ساكلارنى ئۆزىنىڭ ئەجدادى دەپ تالىشىدۇ[4]. غەرىب تارىخچىلىرى ھېرودوتنىڭ يازمىلىرىغا ئاساسەن ئۇلارنى ھىندى-ياۋرۇپا سىستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان قەۋىملەر دەپ قارايدۇ، بۇنىڭغا تازا ئىشىنىپ كەتمىدىم، چۈنكى ھېرودوت ئەينى ۋاقىتتا ساكلار ياشىغان جايلارغا بارمىغان، پەقەت ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن ساك كىشى ئىسىملىرى دەپ بىر نەچچە سۆزنى تىلغا ئالغان، كىشىنى تازا قايىل قىلالمايدۇ. ئارخىلوگىيە دۇنياسىنى زىلزىلىگە سالغان ئالتاي بازىرىكتىكى قەبرىدىن تىپىلغان نەرسىلەر، قەبرە تۈزۈلۈشى ئۇلارىدىن كىيىن ياشىغان كۆكتۈركلەر بىلەن كۆپ ئورتاقلىققا ئىگە (1.رەسىم چۈشەندۈرمىسىگە قاراڭ).





بازىرىكتىن (Pazyryk) تېپىلغان ئالتۇن مارجان(2.3.رەسىملەر) بىلەن ھون تەڭرىقۇتىنىڭ ئالتۇن تاجىنى سىلىشتۇرسىڭىزمۇ بىر خىل ئورتاقلىقنى بايقايسىز. موڭغۇلكۈرەدىكى ساكلارغا ئائىت ئايال تاش ھەيكىلىنىڭ چاچلىرى ئۆرۈلگەن ھەم ئەگىر تىقىمىدىن ئاشقان قىلىپ ئويۇلغان. ساكلارنىڭ ئەڭ ئاساسى بەلگىسى بولغان ئۇچلۇق تۇماقنى تۇرپاندىنمۇ، ئىلى ۋادىسىدىنمۇ تاپىمىز. ئات-ئۈستى مەدەنىيىتى قەھىرمانلىقنى ئۇلۇغلايدۇ، بازىرىكتىكى قەبرىگە قارايدىغان بولساق قەبرە ئۈستى تاش بىلەن تولدۇرۇلغان. ئىيتىلىشىچە كۆكتۈركلەر دەۋرىدە ھەم ئۇنىڭدىن كىيىنكى دەۋىرلەردە يايلاقتىكى ئاتلىقلار ھەر قىتىم بىرەر قەھىرماننىڭ قەۋرىسىدىن ئۆتكەندە، شۇ قەھىرمانغا ھۆرمەت يۈزىسىدىن بىر تال تاش قويۇپ قويىدىكەن، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قويۇلغان تاشلار كۆپىيىپ ئەسلى قەبرە تەبئىلا كىچىك دۆڭچىگە ئايلىنىدىكەن. بۇ خىل كىچىك دۆڭچىلەر تېكەس دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىدا، غەربى كۆك-تۈركلەر خانى ئىستەمى قاغاننىڭ ئوردىسى بولمىش شوتا (قىرغىز قازاقلار شات/شاتى دەيدۇ) قەدىمقى شەھىرى ئەتراپىدا ناھايتىمۇ كۆپ. ئۇ قەبرىلەردىن ھازىرغىچە ئالتۇن دۇبۇلغا ئالتۇن ئوقيا دىگەندەك نەرسىلەر ئۈزۈلمەي چىقىۋاتىدۇ. بۇ خىل قەبرىلەر ئالتاي تىغىنىڭ جەنۇبى، ئېرتىش دەريا ۋادىسىدىمۇ خىلى كۆپ. بۇ ئوخشاشلىقلارغا كۆرە بۇ يايلاق مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە شۇنداق بىر ئىزچىللىقنى ساقلىغانلىقىنى كۆرىمىز، ئەلبەتتە ئۆرىپ-ئادەت، دىنى ئورتاقلىق بىلەنلا ئۇلارنى تۈركي قەۋىم دىيەلمەيمىز. كۆچمەن ساك قەبلىلىرىنى ئىران تىللىق دىگەن تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ كىيىنكى تۈركي خەلىقلەرگە چىتىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆپىنچە تارىخچىلار ھەم ئېتراپ قىلىدۇ.  خۇلاسە شۇكى ساكلار بىز بىلەن قانداش بولسۇن بولمىسۇن ئۇلار ياراتقان يۈكسەك مەدەنىيەتكە قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىگىلىرى بولوش سۈپىتىمىز بىلەن بىۋاستە ۋارىسلىق قىلغان بولىمىز.





ئەمدى نەزىرىمىزنى تەكلىماكان (تەكتى--ماكان[5]) نىڭ جەنۇبى ئېتەكلىرىدىكى بوستانلىقلارغا ئاغدۇرايلى. (ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ يامان سودىگەرلىرى ھىسابلانغان، ئامۇ-سىر دەريا ئارىسىدا ياشىغان سوغدىلارنى نەزەردىن ھازىرچە ساقىت قىلدىم.)خىتايچە تارىخى مەنبەلەردە بۇ رايونلاردا ياۋچى/توخرىلارنىڭ (خىتايچە: Yue Zhi) ئەڭ دەسلەپتە ياشىغانلىقىنى، ھەم بۇ رايونلارنىڭ ھونلارنىڭ تەسىر دائىرسىدە بولغانلىقى قەيىت قىلىنىدۇ. بەزى تارىخچىلىرىمىز توخرىلار، ئۇيسۇنلار ھونلار بىلەن قان قىرىنداش دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى تارىخچىلار توخرىلارنى ھىندى-ياۋرۇپا تىللىق خەلىق، ئۇيسۇنلارنى تۈركي دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇيسۇنلار كىيىنچە ئىلى ۋادىسىدا ياشاپ قاراخانىلار دەۋرىگە كەلگەندە قارلۇقلارغا قېتىلىپ قاراخانى تۈركلىرى تەركىبىگە كىرىپ كەتكەنلىكى ئېھتىمالغا يىقىن. توخرىلار ھەققىدە تالاش  تارتىش سەل جىددى. بۇلارنى ساك قەبلىلىرى دىگۈچىلەرمۇ بار. لىكىن ساكلارغا ئائىت تاش بالباللارنى تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدا ئانچە ئۇچراتمايمىز.  بۇ رايونلاردىن تېپىلغان (يەكەن دەريا يۇقۇرى ئېقىنىدىن تارتىپ لوپنۇرغىچە) 2000~6000 ياشلىق موميالارنىڭ كىملىكى ھازىر ئەڭ قىززىق نۇقتا بولوشى مۇمكىن. ھازىرقى خىتاي تارىخچىلىر ئۇلارنى تارىمدا مەدەنىيەت يارىتىپ كىيىن تۈركلەر تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلغان ھىندى-ياۋرۇپا تىل سىستىمىسدىكى توخرىلار دەيدۇ. ئۇلارنىڭ مىس ۋە ئالتۇن بۇيۇملارنى ئىشلىتىشى ھەم ئاق ئېرىقىغا تەۋەلىكىگە كۆرە ئۇلارنى ياۋرۇپالىقلارغا باغلايدۇ. لىكىن خىتايچە تارىخى مەنبەلەردە بەزى تۈركي قەبلىلەرنى كۆك كۆز، سىرىق چاچ دەپ يازغان. بۇنىڭدىن سىرىت ئامىركا بايقاش قانىلى (en:Discovery channel, tarim mummies) ئىشلىگەن تارىم موميالىرى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمدە قەۋرىلەردىن تىپىلغان نان ياسلايدىغان ياغاچ تەڭنە بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئىشلىتىۋاتقان ئوخشاش بۇيۇملار، موميالاردىكى كىسەللىك ئىزنالىرى بىلەن ھازىرقى بەزى رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كىسەللىكلەر سىلىشتۇرۇلغان. ئاخىرىدا شۇ موميالارنىڭ ئەۋلاتلىرى ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقى يورۇتۇلغان. ئەگەر بەزى تارىخچىلار ئېيىتقاندەك بۇ رايونغا كىيىن كۆچۈپ كەلگەن چارۋىچى تۈركلەر يەرلىك دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان، ئاللىقاچان شەھەرلەشكەن توخرىلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلغاندەك نەزەرىيە تازا مەنتىقىغە چۈشمىسە كىرەك. دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى شەھەرلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ، شەھەرلەشكەن ھايات سىستىمىلاشقان جەمىيەت قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ھەم بۇ خىل مۇناسىۋەت يىزىقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ چارۋىچى مىللەتلەر دېھقان مىللەت ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزگەن ھالەتتىمۇ دېھقان مىللەت تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسيە بولوپ كىتىدۇ، تارىختا بۇ خىل قاراشنى ئىسپاتلايدىغان يىتەرلىك مىساللار بار، ھالبۇكى نوقۇل چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ تېرىقچىلىقنى ئاساس قىلغان مەدەنىيەتنى ئاسسىمىلياتىسىيە قىلغىنىنى كۆرمەيمىز. بۇنىڭدىن مۇنداق ئىھتېماللىقلارنى تىزىشىمىز مۇمكىن:


1.توخرىلارمۇ ئەسلى تۈركي ھون تىپىدىكى ئېرىق، شىمالدىن كەلگەن كۆچمەن قىرىنداشلىرى بۇلار بىلەن ئاسانلا سىڭىشىپ كەتكەن.


2.توخرىلار ياۋرۇپا نەسىللىك، لىكىن شىمالدىن كۆچۈپ كەلگەن تۈركي قەۋىملەر مەدەنىيەت جەھەتتىن بۇلاردىنمۇ ئۈستۈن كەلگەن، نەتىجىدە تۈركلەر تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلۋىتىلگەن.


3.توخرىلار ئەسلى تۈرك نەسىللىك، ئۇلار كۈچلەنگەندە بىر قىسمى شىمالغا كىڭىيىپ ئالتاي تاغلىرىدىنمۇ ئۆتۈپ ئورخون-يېنسەي(ئانا-ساي) دا بىر مەزگىل ھۆكۈم سۈرگەن، كىيىنكى ئۇرۇش ۋە ۋابا سەۋەبلىك ئەسلى يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن.


4.توخرىلار تارىم ئويمانلىقىدىن بىسىپ كەلگەن تۈركلەر تەرىپىدىن پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرىلغان.





جەنۇب تەرىپى قاراقۇرۇم، كوئىنلۇن تاغلىرى بىلەن، شەرىق-غەرىب تەرەپتە تىبەت، پامىر ئىگىزلىكلىرى بىلەن، شىمالدا تەڭرىتاغلىرى بىلەن قورشالغان كوھىقاپتەك تارىم ئويمانلىقى ھەقىقەتەن نەرى ئىسسىق، توپىسى “ئىغىر” بىر زىمىن. بۇ يەردە ئەسىرلەردىن بۇيان ياشاۋاقتان ئۇيغۇرلار تەبىئەت بىلەن قانداق ھارمونىيىلىك ياشاشنى شۇنچىلىك ياخشى ئۈگىنىۋالغان. ئوپال ئەتراپىدىكى سۈنئى ئىھاتە ئورمانلار، تۇرپاندىكى 800 خىلدىن ئارتۇق يىتىشتۈرۈلگەن ئۈزۈم سورتى بۇ بوستانلىق ۋادىلارنىڭ ئۇزۇن دەۋىرلەردە شەككىللەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. دۇنيادا ھىچقانداق مىللەت ئۆز زىمىنىنى مىللەت سۈپىتىدە تاشلاپ چىقىپ كەتمىگەن. رىم ئىستىلاسى ۋە ئەرەب ئىستالاسى يەھۇدىلارنى پىتراپ كىتىشكە مەجبۇرلىغان بولسىمۇ ھازىرغىچە مەلۇم ساندا يەرلىك يەھۇدىلار پەلەستىندىن چىقماي ياشاپ كەلگەن. ئىچىلىپلا توزۇپ كەتكەن چىڭگىزخاننىڭ مۇڭغۇل ئىمپىريىسى باشقا يەرلەردە تۈزۈك ئىزنا قالدۇرالماي يەنىلا ئۆزلىرى ئىش باشلىغان موڭغۇل ئىگىزلىكىدە ئۆزىنى ساقلاپ قالدى. پۈتۈن دۇنياغا تارقاپ كەتكەن سىگانلارنىڭمۇ ھازىرغىچە ھىندىستاندىكى ئەسلى يۇرتىدا ئىزنالىرى بار[6]. دىمەكچى، ئاشۇ كىرورەن گۈزىلىنى ۋەكىل قىلغان موميالارنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرى بۇ زىمىننى پۈتۈنلەي تاشلاپ كەتكەن دىگەندەك سەپسەتە تازا ئەقىلغا سىغمىسا كېرەك.  يەنە بىر نۇقتا: 7-ئەسىرلەردىلا بىزگە ئورخون تاش پۈتۈكلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن تۈركي ئەجداتلىرىمىز ياۋرۇ-ئاسىيا يايلاقلىرىدا ئەڭ بۇرۇن يىزىق قالدۇرغان قەۋىم ھىسابلىنىدۇ؛ تىخى يىقىندىلا ئالتاي تاغلىرى شىمالى ئېتىكىدىكى تۇۋا رايونىدىن تىپىلغان ئۇيغۇر ئورخون خانلىقىغا تەۋە مۇئەكەممەل قورغانلىق شەھەرمۇ شۇ شىمالدىكى تۈركي قەۋىملەرنىڭ مەلۇم دەرىجىدە شەھەرلەشكەن ئۈستۈن بىر مەدەنىيەت ياراتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. بۇلارغا كۆرە ئۇيغۇرلار تۈركي قەۋىملەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن شەھەرلەشكەنلىرى بولوپ ھىسابلىنىدۇ. بۇ خىل بالدۇر شەھەرلىشىش ئۇيغۇرلارنى باشقا تۈركي قىرىنداشلىرىغا سىلىشتۇرغاندا ئەڭ بۇرۇن ئۈستۈن مەدەنىيەت ياراتقان قەۋىم قىلىپ نەتىجىلىدى.





مىلادى 745-يىلى ھازىرقى مۇڭغۇل يايلىقىدا كۆك تۈرك ئىمپىراتورلىقىدىن كىيىن مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر خانلىقى (ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقى) تۇققۇز ئوغۇز قەبلىلىرى باشچىلىقىدا باشقا تۈركى قەبلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربى-سىياسى ئىتتىپاقنى ئۇيغۇرلارنىڭ “ئۆي ئايرىپ” چىقىشىنىڭ باشلىنىشى دىسەك، بۇ قەبلىلەرنىڭ كىيىن تارىم -تۇرپان ئويمانلىقىغا كۆچۈشى ۋە شۇ يەردىكى قىرىنداشلىرى بىلەن قوشۇلۇشى نەتىجىسىدە مىلادى 840 دىن 1250-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن، تۇرپان ۋە تارىم ئويمانلىقلىرىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر خانلىقلىرى (قوجۇ ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانىلار، كەڭسۇ (ھازىرقى گەنسۇ) ئۇيغۇر خانلىقى) نىڭ قۇرۇلۇشى ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېتنىك قۇرۇلمىسىنى ئاساسى جەھەتتىن تاماملىغان بولوشى مۇمكىن. ئەلبەتتە ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ قارا قىتانلار (خىتاي كەلمىسى مەنبەسى دىگۈچىلەر بار)، مۇڭغۇللار، گەرچە بىزگە مەلۇم ۋاقىت ھۆكۈمىرانلىق قىلغان بولسىمۇ، مەدەنيىتىمىزنىڭ ئۈستۈنلۈكى ھەم ئۇلارنىڭ ئىشغاليەتچى قوشۇنلىرىدا تۈركي قەبىلىلەرنىڭ كۆپلەپ بولوشى سەۋەبلىك تەركىبىمىزگە مەلۇم نىسبەتتە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتتى (بۇلارنىڭ قازاق، قىرغىزلارغا بەكىرەك قېتىلىپ كەتكەنلىكى ھەم بەزى مەنبەلەردە ئىلگىرى سۈرۈلگەن). ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ زور سەلتەنەتى بولغان قاراخانىلار ھازىرقى تىلىمىز، ئىتقادىمىزنىڭ ئاساسىنى سالغان بولدى. 11-ئەسىرلەردىن باشلانغان قارا قىتانلار قاراخانىي ھاكىميىتىنى ئاجىزلاشتۇردى، لىكىن ئۆزلىرىمۇ 13-ئەسىردە باستۇرۇپ كەلگەن مۇڭغۇللار تەرىپىدىن گۇمران بولدى. مۇڭغۇللارنىڭ زىمىنىمىزدىكى ھۆكۈمىرانلىقى چاغاتاي خانلىقى نامىدا 17-ئەسىردە خوجىلارنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغىچە داۋاملاشتى. چاغاتاي خانلىقى گەرچە موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، كىيىنكى خانى تۇغلۇق تىمۇر (1329~1363-يىللار، تۇغلۇق تۆمۈر) نىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى بىلەن تەدرىجى ئىسلاملىشىپ كىيىنچە خاراكتېرى ئىسلاملاشقان تۈركي ھاكىميەت بولوپ قالدى. ھاكىميەت خوجىلار قولىغا ئۆتكەندىن كىيىن ئىچكى نىزالار كۆپىيىپ ئاق تاغلىق قارا تاغلىق بولوپ ئىككىگە بۆلىنىپ كەتتى، ئۇزۇن ۋاقىتقا قالماي شىمالدىكى جۇڭغارلار تارىمنى ئىلكىگە ئالدى. جۇڭغارلارنىڭمۇ ھۆكۈمىرانلىقى ئۇزۇنغا بارماي، 18-ئەسىرگە كەلگەندە ئەسلى چاغاتاي خانلىقىنىڭ زىمىنلىرى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆپ قىسىم زىمىنى  مانجۇ-چىڭ ئىمپىريىسىنىڭ ھىچقاچان بىر ئەمىن تاپقۇزالمىغان [7] مۇستەملىكە زىمىنىغا ئايلىنىپ قالدى.





 چۈشەنچىلىرىمنى يىغىنچاقلىسام: ھون، ساك، توخرىلارنى ئۆزىگە ئەجداد قىلغان تۈركي تىللىق ئۇيغۇرلار--- ھازىرقى 32 * تۈركىي مىللەتلىرى ئىچىدە مەدەنىيەت قاتلىمى جەھەتتە ھەممىدىن باي بىرى دىسەم ئارتۇق كەتمەس. بۇنداق بولوشىنى بىزنىڭ ئېرىق/ئېتنىك تەركىبىمىزنىڭ ئەسلىدىلا مۇرەككەپلىكى، ئىتقاد تارىخىمىزنىڭ ئالدى-كەينى بولوپ 6 خىل دىن ئىتقاتچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى[8]، ياشىغان جايىمىزنىڭ مۇرەككەپ جۇغراپىيەلىك تۈزۈلۈشى شۇنداقلا ياۋرۇ-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى ئىستىراتىگىيەلىك ئورنى، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزنىڭ كۆپ-خىللىقى (تېرىقچىلىق، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، بىلىقچىلىق، ئوۋچىلىق)، ئىشلەتكەن يىزىقلىرىمزنىڭ كۆپلۈكى، ھەم ئۆزگىرىشچان ھاۋا كىلىماتى قاتارلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغاندەك تۇرىدۇ. بۇنىڭغا ئۇيغۇر باش كىيىملىرى، ئۇيغۇر ئۇسۇلى، ئەتلەس، گىلەملىرىنىڭ تۈر ۋە شەكىللىرىنىڭ كۆپ خىللىقى، ئۇيغۇر تائاملىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ رەڭگارەڭ مەزمۇن بايلىقىغا ئىسپات بولوپ تۇرۇپتۇ.





قوشۇمچە: تىنىچ ئوكياندا يوقىلىپ كەتكەن مۇ قۇرۇقلۇقى ۋە ئۇيغۇر دۆلىتى ھەققىدىكى سەپسەتىلەر، ئۇيغۇرلار بىلەن ياپونلار، ئۇيغۇرلار بىلەن ۋىنگىر (مەغيار)، ئۇرال مىللەتلىرى ھەققىدىكى يىقىن تۇققاندارچىلىق ھەققىدىكى نەزەرىيىلەرگە تازا ئىشىنىپ كەتمىدىم. سەۋەب: بۇ نەزىريىلەرنىڭ ئىلمىيلىكى بەكلا تۆۋەن. ئەگەر راستىنلا 6~10 مىڭ يىللار ئىلگىركى تارىخقا قارىساق، نۇرغۇن مىللەتلەر ئوخشاش بىر بولوپ چىقىدۇ. ئىسلام دىنىدىمۇ بىز ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ ئەۋلاتلىرى. بەزىلەر بۇلاردىكى تەڭرىزىم دىنى ئورتاقلىقنى ئىسپات قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە قۇياش، ئايغا ئوخشاش تەبىئەت ھادىسىلەر ئىنساننى ئەڭ بۇرۇن قىزىقتۇرغان شەيئىلەر، شۇڭلاشقىمۇ تەڭرىزىم ئىتقاتچىلىقى ئافرىقىدىكى قەبلىلەردىن تارتىپ جەنۇبى تىنچ ئوكيان ئاراللىرىدىكى مائۇرىلاردىمۇ بار. بۇ خىل تۇققاندارچىلىق نەزەريىسى بىلەن باشقىلارنىڭ تەسەللىسىگە ئىرىشىش، ئۇلاردىن بىر خىل ياردەم تەلەپ قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ ئىتراپ قىلىشىنى تاما قىلىش تازا ئاقمىسا كېرەك. ھازىرقى دۇنيادا ھىچكىم ئاجىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ. ئەگەر سىز كۈچلۈك بولسىڭىز ھەممە ئادەم سىزنى تۇققان تارتىدۇ. ئۇنداق بۇرۇننى قويۇپ تۇرايلى، مىلادىيدىن كىيىنكى تارىخىمىزدا، ۋە شۇ تارىخ ياراتقان مەدەنىيىتىمىزدە قانچىلىك پەخىرلەنسەك ئەرزىگۈدەك مەزمۇن بار. مۇساپىر بولمىغۇنچە مۇسۇلمان بولماس دەيدىكەن، ئەگەر سىز ھىچ ئۇيغۇر ياشىمايدىغان باشقا بىر مەدەنىيەت ئىچىدە تۇرۇپ كەلسىڭىز ئاندىن ئۆز مىللەت مەدەنىيىتىڭىزدىن شۇنداق پەخىرلىنىدىغان بولىسىز. ئا. ئۆتكۈرنىڭ “مەن ئاق بايراق ئەمەس”، ئادىل تۇنىيازنىڭ “قەشقەردىكى يەرشارى” ناملىق شىئىرلىرىنى چوڭقۇر مەنتىقىلىرى بىلەن چۈشىنىسىز. ئۇيغۇرلىقىڭىزدىن ئۇستىخان-يىلىكلىرىڭىزگىچە پەخىرلىنىسىز. ئەلۋەتتە پەخىرلىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش زۆرۈر...ئەپسۇسلىنارلىقى، 15-ئەسىرلەردە  دىڭىز يوللىرىنىڭ ئىچىلىشى يىپەك يولىغا ئوخشاش قۇرۇقلۇق يولىنىڭ تاشلىنىپ قىلىنىشغا سەۋەبچى بولدى دە ئۇچۇر ئالمىشىش ۋە مەدەنىيەت مەركىزى دىڭىز بويلىرىغا يۆتكىلىپ كەتتى. بۇ سەۋەبلىك 18-ئەسىرلەرگە كەلگەندە بىكىنمىلىكتە قالغان خەلقمىز مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا شۇنچىلىك كۆپ ئارقىدا قالدى.  خەيرىيەت، 21 -  ئەسىر بىلەن باشلانغان ئۇچۇر دەۋرى مەدەنىيەت ئالمىشىشتا ئۇزۇن مەزگىل يېتىم قالغان خەلقىمىزگە يەنە بىر پۇرسەت بىرىپ تۇرۇپتۇ. قانداق قىلىپ ئۆزىمىزدىكى مول مەزمۇنلۇق رەڭگا-رەڭ مەدەنىيىتىمىزنى ئاساس قىلىپ، ئۇنى بىيىتىپ يىڭىچە قىياپەتتە باشقا مەدەنىيەتلەرگە خىرىس قىلىش، ھەم شۇ ئارقىلىق كىملىكىمىزنى ساقلاش مەسىلىلىرى دىققىتىمىزنىڭ ئەڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئىلىشى كېرەكتۇر. ھەدىستە “ئۆزىنى قۇتقۇزمىغان قەۋىمنى ئاللاھمۇ قۇتقۇزمايدۇ” دىيىلگەنىكەن. ئويغارلىق ئۇيغۇرلىقتىن باشلانغان دىگەندەك، ئەمدىكى ئويغىنىش ئۆزىمىزدىن باشلانسۇن!











[1]http://www.scs.uiuc.edu/~mcdonald/WorldHaplogroupsMaps.pdf


[2]http://www.hunnen.speyer.de/en/ausstellung.htm


[3]ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن، <<قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا>> 100-بەت


[4]http://www.allempires.com/، http://en.wikipedia.org/wiki/Scythians


[5]ئىمىن تۇرسۇن، <<تارىمدىن تامچە>>


[6]دۇنيا جۇغراپىيەسى مەلۇم بىر سانى، http://www.nationalgeographic.com/


[7] James A. Millward، Eurasian Crossroads: A History of Xinjiang


[8]http://achinuq.blogbus.com/logs/63618518.html



1.رەسىم

دۇنيا ھاپلوگرۇپ (ئەجداد ئىزى گىن تىپلىرى) ئەھۋالى، ئۇيغۇرلارغا قارايدىغان بولساق، مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە گۇرۇپپا يوق، ئاق ئېرىقتىكىلەرنىڭ نىسبىتى سەل يۇقۇرى






2.رەسىم

بازىرىكتىن (Pazyryk) تېپىلغان ساك قەبرىسى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بۇيۇملار

1.resim






3.رەسىم






4.ئۇكرائىنادىكى تولستايا موگىلا دىن تىپىلغان ساكلارغا مەنسۇپ بويۇنغا ئىسۋالىدىغان زىننەت بۇيۇمى، مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىرلەرگە تەۋە. يۇقۇرى قىسمىدا ئىنسان ھاياتى، تۆۋەن قىسمىدا ياۋايى ھايۋانلار تەسۋىرلەنگەن.

http://vm.kemsu.ru/en/skyth/skyth-pectoral.html









1.خەرىتە
باتۇر تەڭرىقۇت (موتى، مودۇ تەڭرىقۇت) مەزگىلىدىكى ھونلارنىڭ تەسىر دائىرىسى، مىلادىدىن ئىلگىركى 200-يىللار







2.خەرىتە
ساكلار تەسىر دائىرىسى، مىلادىدىن ئىلگىركى 1-ئەسىرلەر. بۇ خەرىتىدە شەرقى چىگرىسى تازا توغرا بولمىغاندەك قىلىدۇ، ساك يادىكارلىقلىرىغا ئاساسلانغاندا شەرقى قىسمى ئالتاي تاغلىرى، جۇڭغار بويلىرىنى ھەم ئۆز ئىچىگە ئىلىش كىرەك







3.خەرىتە

كۆك تۈركلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋاقتىدىكى تەسىر دائىرسى، مىلادى 6-ئەسىرلەر








4.خەرىتە
بىرىتانىيە ئىنسكىلوپىديېسىگە (26-توم) بىرىلگەن قىستۇرما رەسىم ۋە بايانلار، ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر خانلىقلىرى ئورنى تەخمىنى بىرىلگەن









5.خەرىتە

قاراخانىلار كىيىنكى مەزگىللىرى، شۇ چاغدىكى مىللەت-قەبلىلەر جايلىشىش ئەھۋالى بىرىلگەن، مىلادى 12-ئەسىرلەر








6.خەرىتە

ئالمالىقنى مەركەز قىلغان چاغاتاي خاقانلىقى









7.خەرىتە
كۆك چىگرا ئىچىدىكىسى جۇڭغارلارنىڭ تەسىر دائىرىسى, 1750-يىلى، بۇ جۇڭغارلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك مەزگىلى









8.خەرىتە
1820-يىلىدىكى مانجۇ-چىڭ ئىمپېريىسىنىڭ زىمىنى، بالقاش كۆلى ئاستىدىكى كەڭ زىمىنلارنى كىيىنچە تەڭسىز شەرىتنامىلەر بىلەن چارروسىيەگە سىتۋەتكەن






2010-يىلى، ئوغۇز ئىيىنىڭ 7،8-كۇنلىرى مۇڭغۇلكۈرەدە يىزىلدى،oghuzkb قەلىمى



_________________
ilxatérem
Choqqigha qaytish Go down
http://www.uni-ulm.de/~bkuerban/
 
تارىخىمىز ھەققىدە چۈشەنچىلىرىم
Choqqigha qaytish 
1. bet (jem'iy 1 bet)

Permissions in this forum:Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.
Uyghur Oqughuchilar Munbiri :: Bilim Buliqi :: Ammibap bilimler-
Buninggha ötüsh: